ياخشىمۇسىز، كۆچۈرۈپ چاپلىغان مەزمۇنلارنى نەدىن تاپىمىز؟ دائىم ئىشلىتىدىغان جۈملىلەرنى ئۆزىمىز قوشالامدۇق، نەدىن قوشىمىز؟
كۆچۈرۈپ بولۇپ چاپلاپ يوللاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن مەزمۇنلار يوقاپ كېتىپ تاپالمايۋاتقان تورداشلار مۇشۇنداق سۇئاللارنى قالدۇرغان بولۇپ، بادام خەت كىرگۈزگۈچىمىزدە تەڭشەك بەلگىسىنى بېسىپ كىرسىڭىز «چاپلاق تاختىسى» ۋە «دائىم يازىدىغان جۈملە» نى كۆرەلەيسىز، شۇ يەردىن كۆچۈرگەن مەزمۇنلارنى تاپالايسىز، شۇنداقلا يېڭى سۆزلەر، جۈملىلەرنى قوشۇپ، ياقتۇرمايدىغان مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋېتەلەيسىز! مەسىلەن:
چاپلاق تاختىسىدىكى مەزمۇنلار مۇشۇ جايدا ساقلىنىدۇ، «+» بەلگىسىنى بېسىپ يېڭى سۆزلەرنى قوشالايسىز، «ئەخلەت ساندۇقى» نى بېسىپ نۆۋەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆچۈرەلەيسىز.
دائىم يازىدىغان جۈملىلەرنىمۇ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساساسەن قوشالايسىز ۋە ئۆچۈرۈۋېتەلەيسىز. سول تەرەپتىكى «ئۈچ چىكىت» نى بېسىپمۇ ياكى ئاستىدىكى «+» ۋە «ئەخلەت ساندۇقى» دىنمۇ مەشخۇلات قىلالايسىز. ھالقىلىق ھەرپكە ئاساسەن مەزمۇننى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن «ساقلاش» نى بېسىۋەتسەكلا مەشخۇلات تاماملانغان بولىدۇ.