مەن باشقا تاختا كۆرۈنۈشى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەمدىم؟ قانداق ئالماشتۇرىمەن؟
بادام خەت كىرگۈزگۈچىمىزنىڭ كۇنۇپكا تاختا كۆرۈنۈشى رەڭگارەڭ، تۈرى تولۇق، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز ئېھتىياجلىرىغا ئاساسەن لايىھەلەش ئېلىپ بارالايدۇ، ئۆزىنىڭ ياقتۇرىدىغان رەسىملىرىنى تاللاپ تاختا كۆرۈنۈشى قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. مەشخۇلات جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
ئاستى رەتتىن «تاختا» دېگەننى بېسىپ «تۈرلەر» گە كىرىمىز، ئۇ يەردىن ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان تاختا كۆرۈنۈشىنى چەكسىڭىزلا ئاپتوماتىك قاچىلىنىپ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان تاختا كۆرۈنۈشى ھالىتىگە كىرىدۇ. قاچىلىۋالغانلىرىڭىز «تاختا كۆرۈنۈشلىرىم»دە ساقلىنىدۇ.