رەسىم ئۈستىگە خەت كىرگۈزسەم نېمىشقا بولمايدۇ؟ قانداق ئوڭشايمەن؟
كىرگۈزگۈچىمىزدە ئىزچىل سورالغان سۇئاللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتىمۇ چۈشەنچە بېرىش زۆرۈر بولدى. بۇ ئۈچىنچى تەرەپ يەنى سىز ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوللىمىغانلىقىدىن بولغان مەسىلە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بادام خەت كىرگۈزگۈچىمىز تەڭشەككە «خەت توغرىلاش» كۇنۇپكىسى (美图/剪映) قوشتۇق، سىز مۇشۇ يەردىن رەسىم ئۈستىگە خەت كىرگۈزۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. مەشخۇلات تۆۋەندىكىدەك:
مۇقىملاشتۇرۇشنى باسقاندىن كېيىن، ئىشلەتمەكچى بولغان 3-تەرەپ ئەپنى ئېچىپ رەسىملەرگە خەت كىرگۈزۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. ئەمما 3-تەرەپ ئەپنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوللىمىغانلىقىدىن يەنىلا قىسمەن سۆزلەردە ئۈزۈلۈپ قېلىش، ئۇلانماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز!