كۇنۇپكا تاختا ھەققىدە

كۇنۇپكىنى بىر چەكسىڭىز ھەرپ تاختىسىدىكى باش ھەرپنى كىرگۈزەلەيسىز، شۇ ھەرپنى بىر سېكۇنت ئۇزۇن باسسىڭىز ھەرپ تاختىسىدىكى ئىككىنچى ھەرپنىمۇ كىرگۈزەلەيسىز.

كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئوڭ ئۈستىنكى تەرىپىدىكى «ئۇ En 中» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تىل تۈرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتەلەيسىز.

بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى ئوڭ سولغا سىيرىش ئارقىلىقمۇ يېزىقنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز.

قورال ئىستونىدىن «كۇنۇپكا تاختا» بەلگىسىنى چېكىپ «ئۆلچەملىك» ياكى «پۈتۈن» كۇنۇپكا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

قورال ئىستونىنىڭ ئوتتۇرىدىكى قاچىلاش بولىقى كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، باشقا قولايلىق ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆرەلەيسىز.

كۇنۇپكا تاختىسىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى تولۇق ھالەتتە چىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەككە كىرىپ ئاچالايسىز ۋە تاقىيالايسز.

32 ھەرپلىك كۇنۇپكا تاختىسىدا بوشلۇق كۇنۇپكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى «ھەمزە»نى بېسىپ ئاندىن باسماقچى بولغان ھەرپنى باسسىڭىز باش ھەرپ چىقىدۇ. مەسىلەن «ئ»نى بېسىپ بولۇپ «ا»نى باسسىڭىز «ئا» بولۇپ چىقىدۇ.

ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنى سولغا سىيرىسىڭىز نامزات سۆزلەرنى ئۆچۈرەلەيسىز.

ئەڭ يېڭى تاختا كۆرۈنۈشلىرى، چىراي ئىپادىلىرى ۋە پائالىيەتتىن خەۋەردار بولاي دېسىڭىز، تەرجىمە ۋە ھېسابلىغۇچ قاتارلىقلاردىن تېخىمۇ قولاي پايدىلىناي دېسىڭىز، تۆۋەندىكى مەشخۇلات بويىنچە تەڭشەككە ھوقۇق بەرسىڭىز بولىدۇ.

باش بەتكە قايتىش