چىراي ئىپادىلىرى نېمىشقا بىر كۇنۇپكا بىلەنلا يوللانمايدۇ؟

خەت كىرگۈزگۈچىمىزدىكى قىسمەن چىراي ئىپادىلىرىنى(بولۇپمۇ ئۆزىمىز لايىھەلەپ ئىشلىگەن) يوللاش بىر قەدەر قولايسىز بولۇپ، ئۈندىدار قاتارلىق پاراڭلىشىش دېتاللىرىدا بىر كۇنۇپكا بىلەن يوللاش ئىمكانسىز بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھوقۇق بەرمىگەنلىكىدىن بولغان، بۇنىڭ ئۈچۈن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز ۋە تۆۋەندىكى مەشخۇلات بويىنچە قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

1-قەدەمدە: چەمبەر ئىچىدىكى چىراي بەلگىسىنى بېسىپ كىرىمىز.

2-قەدەمدە: ئۈستى ۋە ئاستى رەتتىكى چىراي ئىپادىلىرىدىن تاللاپ، ياقتۇرغان چىراي ئىپادىسىنى چەكسىڭىز تۆەندىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىشلەر چىقىدۇ.

يۇقىرىدىكى تەرتىپلەر بويىنچە مەشخۇلات قىلسىڭىز يوللاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. ئەگەر تەڭشەكتىن ھوقۇق بەرمىگەن بولسىڭىز تۇنجى قېتىم چىراي ئىپادە يوللىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ، تەڭشەكتىن ھوقۇق بېرىش مەشخۇلاتى تۆۋەندىكىدەك:

مۇشۇ تەرتىپ بويىنچە ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن، «确定» نى باسقاندا سېستىما مەخپىي نومۇرى تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ بويىنچە ئەنگە ئالدۇرغان نومۇرنى سېلىشتۈرۈپ كۆرۈپ مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزسىڭىزلا مەشخۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.

باش بەتكە قايتىش