يانفونلارغا پىنيىن چىقىرش ئۇسۇللىرى
دۆلەت تىلىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەت تىلى ئۆگىنىۋاتقان ياكى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن يانفونىغا پىنيىنچە خەت نۇسخىسى قاچىلاش زۆرۈر بولدى. بۇ خىل خەت نۇسخىسىدا خەنزۇچە خەتلەرنىڭ پىنيىنى ۋە تون بەلگىلىرى ئۈستىدە چىقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىشىگە زور قولايلىق يارىتىلدى. بۇ خىل خەت نۇسخىسىدا ئىشلەتكۈچى پەقەت پىنيىن ئوقۇيالىسىلا شۇ خەتنى بېسىپ مەنىسىنى ئىزدەپ تېپىش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مۇشۇ خەت نۇسخىسى بولسىلا تېلېفون ئىشلىتىش جەريانىدا بىلمەيدىغان ناتونۇش سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ ھەمدە ئۆگىنىپ بولغان سۆزلۈكلەرنى تەكرارلاپ تۇرغىلى بولىدۇ، دېمەك بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.
نۆۋەتتە بادام ئابۇنىتلىرى ئۈچۈن پىنيىن چىقىرىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى بادام خەت كىرگۈزگۈچنىڭ ئىچىدىن پىنيىن چىقىرىش ئۇسۇلى، بۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئەمما ئۈچىنچى تەرەپ ھوقۇق بەرمىگەنلىكتىن پىنيىن خەت كىرگۈزۈش تاختىسى ئىچىدىلا نورمال ئىشلەيدۇ، باشقا ئەپلەردە يوللانغان ئۇچۇرلاردا كۆرۈنمەيدۇ. باشقا ئەپلەردىمۇ پىنيىنغا ئېھتىياجى بولغان دوستلار تېلېفوننىڭ سىستېما خەت شەكلىدىن پىنيىن خەت نۇسخىسنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ، ئەمما بۇنداق خەت نۇسخىلىرى ئاساسەن ھەقلىق. ئابونىتلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىشىنى سورايمىز!
قېنى تۆۋەندە بىز بىرلىكتە يانفونلارغا پىنيىن چىقىىرش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ چىقايلى:
1-خىل ئۇسۇل: بادام ئاۋازلىق خەت كىرگۈزگۈچتە
بادام ئاۋازلىق خەت كىرگۈزگۈچتىن تەڭشەككە كىرىمىز:
«پىنيىن چىقىرىش» دېگەننى باسىمىز:
«پىنيىن چىقىرىش» دېگەن كۇنۇپكىنىڭ ئۈستىگە توغرا بەلگىسى چىققان بولسا مەشغۇلات مۇۋەپپەققيەتلىك بولغان بولىدۇ.
مەشغۇلات تاماملانغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ .
2-خىل ئۇسۇل: سېستىما خەت نۇسخىسىدىن قاچىلاش
ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان ماركىلاردىكى تېلېفونلارنىڭ سىتېمىسىدا پەرق بولغانلىقتىن پىنيىن خەت نۇسخىسى چىقىرىش ئۇسۇلىدىمۇ سەل پەرق بولىدۇ، ئەمما چوڭ زور ئەمەس. مەسىلەن vivo تېلېفوندا:
1-قەدەمدە « i主题» بېسىپ كىرىمىز
2-قەدەمدە «字体 » نى تاللايمىز ياكى « 拼音字体» نى ئىزدەپ تاپىمىز.
3-قەدەمدە ياقتۇرغان پىنيىن خەت نۇسخىسىنى تاللاپ چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالساقلا مەشغۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىدۇ. (下载->> 立即应用)
يۇقىرىدىكى مەشغۇلات ۋىۋو تېلېفوننىڭ پىنيىن چىقىرىش جەريانى بولۇپ، باشقا ماركىلاردىكى تېلېفونلاردا ئازراق پەرق بار ئەمما ئاسادىي مەشغۇلاتى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.