ئوپپو تېلېفونلاردا كىرگۈزگۈچ ئالمىشىپ كېتىش مەسىلىسى

يېقىندىن ئوپپو تېلېفون ئىشلىتىۋاتقان بىر قىسىم بادام كىرگۈزگۈچ ئابۇنىتلىرى تېلېفوندىكى بادام خەت كىرگۈزگۈچنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن سىستېما خەت كىرگۈزگۈچىگە ئالمىشىپ كېتىپ، خەت كىرگۈزۈشتە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىزگە ئىنكاس قىلغان.

تەكشۈرۈشىمىزگە ئاساسلانغاندا بۇ مەسىلە ئوپپو تېلېفونلارنىڭ توك تىجەش سىستېمىسى كىرگۈزگۈچنى قالايمىقان ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىز توك تىجەش سىستېمىسىدىن بادام خەت كىرگۈزگۈچنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساقلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.ھەل قىلىش باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك:

设置> 应用> 应用管理> 搜索Badam 输入法> 耗电管理> 允许应用自启动

تەڭشەك – دېتال – دېتال باشقۇرۇش - «بادام كىرگۈزگۈچ» - توك سەرپىياتىنى باشقۇرۇش – ئەپنىڭ قوزغىلىشىغا رۇخسەت بېرىش

1-قەدەم: تېلېفوندىن «设置» نى ئاچىمىز:

2-قەدەم «应用» نى بېسىپ كىرىمىز:

3-قەدەم: «应用管理» نى بېسىپ كىرىمىز.

4-قەدەم: ئىزدەش كۆزنىكىگە «badam 维语输入法» دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىتىمىز.

5-قەدەم: «耗电管理» نى بېسىپ كىرىمىز.

6-قەدەم: «允许应用自启动» نى بېسىپ ئەپ قوزغىلىشىغا رۇخسەت بېرىمىز.

يۇقىرىدىكى قەدەم باسقۇچلارنى توغرا تاماملىسىڭىز ئوپپو تېلېفونلاردىكى بادام خەت كىرگۈزگۈچ ئالمىشىپ كېتىش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇلدىمۇ ئوڭشالمىسا خەت كىرگۈزگۈچنى سېستىمىدىن قۇلۇپلىۋەتسەكلا تولۇق ھەل بولىدۇ، قولۇپلاش قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:

1-قەدەمدە: ئېكراننى ئۈستىگە سىيرىپ ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچ چىكىتنى باسىمىز.

2-قەدەمدە: قۇلۇپلاش «锁定» نى بېسىپ قۇلۇپلايمىز.

مەشغۇلات توغرا بولسا ئۈچ چىكىتنىڭ سول تەرىپىگە قۇلۇپ بەلگىسى چىقىدۇ، بۇ قۇلۇپلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دېگەن گەپ.

باش بەتكە قايتىش