ئوپپو تېلېفونلاردىكى ئاۋازلىق كىرگۈزگىلى بولماسلىق مەسىلىسى
يېقىندىن بەزى ئابونىتلار ئوپپو تېلېفونلاردا خەت كىرگۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش كۆرۈلۈپ ئاۋازلىق خەت كىرگۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
بۇ مەسىلە ئاساسلىقى كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغاندا كىرگۈزگۈچكە مىكروفون ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن مۇشۇ ئەسكەرتىش كۆرۈلگەندە ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى «同意» نى باسىمىز. ئاندىن كاتەكچە ئىچىدىكى «使用时允许» نى بېسىۋەتسەكلا ئاۋازلىق كىرگۈزگىلى بولىدۇ.