ۋىۋو تېلېفونلاردا ئاۋازلىق كىرگۈزگىلى بولماسلىق مەسىلىسى
يېقىندىن بەزى ئابونىتلار ۋىۋو تېلېفونلاردا ئاۋازلىق خەت كىرگۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش كۆرۈلۈپ ئاۋازلىق خەت كىرگۈزەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
بۇ مەسىلە ئاساسلىقى كىرگۈزگۈچنى قاچىلىغاندا كىرگۈزگۈچكە مىكروفون ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئالدى بىلەن مۇشۇ ئەسكەرتىش كۆرۈلگەندە ئوڭ تەرەپتىكى «同意» نى باسىمىز. ئاندىن كاتەكچە ئىچىدىكى«始终允许» بېسىۋەتسەكلا ئاۋازلىقكىرگۈزگىلى بولىدۇ.
ئەگەر تەڭشەك ئىچىدىن ئۆزىڭىز قول سېلىپ تەڭشىمەكچى بولسىڭىز كاتاكچە ئىچىدىكى تەرتىپ بويىنچە مەشغۇلات قىلسىڭىزمۇ ئاۋازلىق خەت كىرگۈزگىلى بولىدۇ.