شياۋمى تېلېفونلاردا خەت شەكلى سەت بولۇش مەسىلىسى

بۇ مەسىلە ئاساسلىقى شياۋمى تېلېفون سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى نورمال قوللىمىغانلىقتىن بولغان بولۇپ، سېستىما خەت شەكلىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

بىرىنچى قەدەمدە: «设置» غا كىرىپ،« 墙纸与个性化» نى باسىمىز.

2-قەدەمدە: «字体» نى باسىمىز.

3-قەدەمدە: خەت شەكىللىرى ئىچىدىن « 小米兰亭pro» خەت شەكلىنى تاللايمىز.

مۇشۇ مەشخۇلاتلاردىن كېيىن خەت شەكلى سەت بولۇش، ھەرپلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلمەسلىك مەسىلىسى ئوڭشىلىدۇ.

باش بەتكە قايتىش