خۇاۋېي تېلېفونلاردا بادام ئەپ دېتاللىرىنى نورمال چۈشۈرگىلى بولماسلىق مەسىلىسى
بۇ مەسىلە ئاساسلىقى تېلېفون ئەپ بازىرىدىن ياكى باشقا ئۇلانمىلاردىن بادام خەت كىرگۈزگۈچ، بادام ئويۇنى قاتارلىقلارنى چۈشۈرگەندە نورمال قوللىمىغانلىقتىن كۆرۈلىدىغان ئەسكەرتىش بولۇپ، تۆۋەندىكى مەشخۇلاتلار ئارقىلىق نورمال چۈشۈرگىلى بولىدۇ، قايتا ئەسكەرتىش كۆرۈلمەيدۇ. (خەت كىرگۈزگۈچ بىلەن بادام ئويۇنىنىڭ مەشخۇلاتى ئوخشاش).
1-قەدەمدە: تەڭشەك «设置» كە كىرىپ، ئىزدەش كۆزنىكىدىن «纯净模式» نى ئىزدىتىمىز.
-2قەدەمدە: «纯净模式» دىن «增强防护» نى تاللاپ ئېتىۋېتىمىز.
-3قەدەمدە: مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن ئەپ چۈشۈرگەن جايغا كىرىپ تۆۋەندىكى رەسىم بويىنچە تېلېفونىڭىزغا قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.